باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئېچىۋىتىشنى كېڭەيتىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى قەتئىي ئۆستۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنىغا قاتناشتى

2015.09.16 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 15- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 26- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئېچىۋىتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش-دۆلىتىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىش ئۆزئارا زىچ باغلانغان، ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ، ئىسلاھات مۇقەررەر ئېچىۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئېچىۋىتشمۇ مۇقەررەر ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىدۇ. سىرتقا ئېچىۋىتىشتەك تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، تېخىمۇ ئىجابىي، تەشەببۇسكار ئېچىۋىتىش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى قەتئىي ئۆستۈرۈش، چەت ئەل مەبلىغى ۋە چەت ئەل تېخنكىسىنى قەتئىي كىرگۈزۈش، سىرتقا ئېچىۋىتىش تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى قەتئىي مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېچىۋىتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىچىۋىتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قۇشۇش، يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر