باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىيۇ يەندوڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گىرئوجىۋا بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.17 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لىيۇ يەندوڭ 15- سېنتەبىر بىريۇسىلدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گىرئوجىۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  لىيۇ يەندوڭ مۇنداق دېدى؛ رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ۋە جۇڭگو ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مىخانىزمىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، يېڭى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە يولۇقماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچ ، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. مەن، بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرىگە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گىرئوجىۋا مۇنداق دېدى: ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى روك بىلەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسكى ماڭا مۇئاۋىن زۇڭلى لىيۇ يەندوڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن، ھەمدە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇچ چوڭ تۈۋرۈكنىڭ بېرى، بولۇپ، رولى بارغانسېرى زورايماقتا دەپ ھېسابلايدۇ، ياۋروپا، جۇڭگو بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر