باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30 مىليارد يۈەنلىك كۆمۈر، توك، سىلىتسىينى بىر گەۋدە قىلغان تۈر پىچان ناھىيەسىگە جايلاشتى

2015.09.17 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-سېنتەبىر، مۇخبىرنىڭ پىچان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، خېشىڭ سىلىتسىي كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان كۆمۈر، توك، سىلىتسىينى بىر گەۋدە قىلغان تۈر پىچان ناھىيەسىنىڭ تاش ماتېرىياللىرى سانائەت رايونىغا جايلاشتى.

  پىچان ناھىيەلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېي مۇنداق دېدى: خېشىڭ سىلىتسىي تۈرى چەكلىك شىركىتى 5 يىل ئىچىدە پىچانغا 30 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يىللىق مىقدارى 400 مىڭ توننا كېلىدىغان خىمىيەۋى سانائەت دەرىجىلىك سانائەت سىلىتسىيسى تۈرى، 200 مىڭ توننىلىق سىلىتسىي كىسلورود ئالكونى شۇنداقلا قايتا پىششقلاپ ئىشلەش تۈرى، 5×350MW ئىسسىقلىق توك بىرلەشمە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىقلار بولۇپ. تۈرنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشىقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۆلچەرلەنگەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئومۇمىي مىقدارى 16 مىليارد 462 مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 7 مىليارد 410 مىليۇن يۈەن سانائەت ئېشىش قىممىتى يارىتىدۇ، پايدا ۋە باج 11 مىليارد 523 مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 10 مىڭدەك ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر