باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: رەئىس شى جىنپىڭنى راينيېر تېغىدا ساياھەت قىلدۇرغۇم بار، دېدى

2015.09.17 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر سېئاتلدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولىدۇ. ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ باشلىقى جاي ئىنسلې مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ۋاشىنگتون ئىشتاتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتى قۇيۇق. رەئىس شى جىنپىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىنى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ تۈنجى بېكىتى قىلىپ تاللاپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز» دېدى.

  ئۇ: جۇڭگونىڭ ئىقتىساد چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشى دۇنيانى تەستە قولغا كېلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، دېدى. ئىنسلې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ناھايىتى تەرىپلەيمەن، بۇ جۇڭگو ۋە ئامېرىكا، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئىنسلې: ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ئورتاق قارشى ئېلىشقا تەشكىللەپ، «بىز بىلەن جڭگونىڭ قۇيۇق مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈردى ھەم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى. ئۇ: شى جىنپىڭ سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە نۇرغۇن ئىشتاتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن پىكىرلىشىدۇ، دېدى.

  ئىنسلې شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە دەيسىز؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى ئەڭ گۈزەل ئىشتاتقا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! جۇڭگو بىلەن يەنىمۇ كۆپ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى. ئۇ: رەئىس شى جىنپىڭغا راينيېر تېغىنى تونۇشتۇرغۇم بار، مېنىڭچە، راينيېر تېغى ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ئەڭ گۈزەل جاي، رەئىس شى جىنپىڭنى تاغ چوققىسىدا ساياھەت قىلدۇرسام دەيمەن، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر