- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەككىدىكى مۇنارسىمان كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
2015.09.17 09:36 مەنبە: خەلق تورى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككىدىكى مەسچىتتە يۈز بەرگەن مۇنارسىمان كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈنۈگۈن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ۋەقە بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىشتىن كېلىپ چىققان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ھاۋارايى سەۋەبىدىن باشقا، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كارخانا قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پادىشاھ سالمان ۋەقەدە يارىلانغانلارغا تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىنى جاكارلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلارغا بىر مىليون رىيال تەخمىنەن 266مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، يارىلانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 500مىڭ رىيال تەخمىنەن 133مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر