مەملىكەتلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش سالاھىيەت مۇسابىقىسى 17-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە باشلاندى.
مەملىكتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى ئاتاقلىق ماھىرلار ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىىسىگە كىرىشكە تىرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 17-سېنتەبىرىدىن 20-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن 163 سى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.