بۇ بىر ئاچا ـ ئىنىنىڭ تەسىرلىك ھىكايىسى. ئاچىسى
يۇ لياڭيىڭ بىڭتۇەن خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىنىسى
مەمەتتۇراپ مۇساق ئۇيغۇر دېھقان. ئۇلارنى
تەكلىماكان قۇملۇقى ئايرىپ تۇرىدۇ. 10 يىل بۇرۇن،
مەمەتتۇراپ مۇساق قۇملۇقنى ئاتلاپ يۇ لياڭيىنىڭ
ئۆيىگە پاختا تەرگىلى كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ
ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان؛ 10
يىلدا، يۇ لياڭيىڭ 17 قېتىم قۇم دېڭىزىنى
توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ، مەمەتتۇراپقا بىيىش
ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەن، ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن،
تېخنىكا ئۆگەتكەن. ئۇلارنىڭ مىللەت ۋە قانداشلىق
ھالقىغان تۇغقاندارچىلىقى بارغانچە قۇيۇقلاشقان.
يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتتۇراپ ھېكايىسى ھەقىقەتەنمۇ
كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
باش كۈز پەسىلىدە، يۇ لياڭيىنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى
كۆكتاتلىق قىزىل، يېشىل رەڭدە كىشىنىڭ كۆزىنى
قاماشتۇراتتى، بۇ يەردە كۆزگە ئەڭ چىلىقىدىغىنى
ياڭاق ۋە شاپتول ئىدى. گەرچە كىچىك دەرەخ بولسىمۇ
لېكىن يوپۇرماقلىرى قويۇق، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ
تۇراتتى.
بۇ
دەرەخنى بۇ يىل باھاردا ئىنىسى مەمەتتۇراپ مۇساق
ئۇنىڭغا تىكىپ بەرگەن. نىمىشقا تۇيۇقسىزلار دەرەخ
تىكىپ بېرىدۇ؟ يۇ لياڭيى بۇنى سورىغاندا ئۇ
كۈلۈپلا قويغان.ئۇ باشقىلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى
ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەن. مەمەتتۇراپ مۇنداق دىگەن،
يىشىم چوڭىيىپ قالدى، كېيىنچە ئاچامنىڭ ئۆيىگە
كېلىپ ئىش ـ كۈشلىرىگە ياردەملىشەلمىسەم، بۇ بىر
قانچە تۈپ مېۋىلىك دەرەخ شاگىرت بىلەن ئۇستازنىڭ
ئەزەلدىن ئۆي ئايرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆز ئارا
ئۇلىسىمۇ يەنىلا ياشىيالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ
يىلتىزلىرىنىڭمۇ ، يوپۇرماقلىرىنىڭمۇ تۇتاش
ئىكەنلىكى، خۇددى ئاچا ـ سىڭىل ئىككىسىگە ئوخشاش،
ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭمۇ بىر ـ بىرىگە يىلتىزداش
ئىكەنلىكىنىڭ شاھىدى بۇلالايدۇ. |