- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ليۇ يەندۇڭ رىيىندىر بىلەن كۆرۈشتى
2015.09.18 13:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ 16-سېنتەبىر بريۇسېلدا بېلگىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى رىيىندىر بىلەن كۆرۈشتى. ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، جۇڭگو بېلگىيە بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
رىيىندىر مۇنداق دېدى: بېلگىيە جۇڭگو بىلەن ئادىمىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، لىيۇ يەندۇڭ بىلەن رىيىندىر بريۇسېل جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر