باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇساپىرلار ۋېنگىرىيە چېگراسىغا بېسىپ كىردى

2015.09.18 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگىرىيە مەملىكەتلىك ساقچى باش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىنىڭ سېربىيە تەرىپىگە توپلىشىۋالغان بىر توپ مۇساپىر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن روسكې تاشيول چېگرا ئېغىزىدىكى قۇلۇپلاقلىق دەرۋازىغا بېسىپ كىردى ھەمدە ۋېنگىرىيە ساقچىلىرىغا تاش، ياغاچ پارچىلىرى ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتتى.

  ساقچى باش مەھكىمىسى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ توسىدى، ساقچىلار چېگرا ئېغىزىدىكى ئۆرۈۋېتىلگەن دەرۋازىنىڭ ئورنىدا ئادەم تېمى ھاسىل قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا: ساقچىلار قانۇن بويىچە ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقى چېگراسىنى قوغدىدى دېيىلدى.

  ۋېنگىرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنگىرىيە ساقچىلىرى مۇساپىرلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سۇ تاپانچىسى ئاتقان. مۇساپىرلار چېگرانى قوغداۋاتقان ۋېنگىرىيە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇساپىرلار چېگرا تېمى ئەتراپىغا يېقىن جايدا نەرسە كېرەكلىرىگە ئوت يېقىپ، ئىس تۈتەك پەيدا قىلغان.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: سېربىيە تەۋەسىدىكى چېگرا ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان تاشيوللارنى نەچچە مىڭ مۇساپىر توسۇۋالدى، يەنە بەزى مۇساپىرلار سېربىيەنىڭ كانجىزا دېگەن يېرىدىن ۋېنگىرىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر