چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 17-سېنتەبىر ئاق سارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق ياش بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 21-ئاۋغۇست گوللاندىيە ئامستېردامدىن فىرانىسيە پارىژغا ماڭغان بىر ئېلېكتىروۋۇزدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئۈچ ياش ۋە بىر ئەنگلىيەلىك كىشى جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇرغان. بۇ ئامېرىكىلىق ئۈچ ياشنىڭ ئىككىسى ھەربىي، بىرى ئىستۇدېنت ئىكەن.
ئوباما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنى «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋەكىللىرى» دەپ تەرىپلىگەن ۋە: «بۇ ياشلار ماڭا بىر ئۈمىدۋار كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.
ئۈچ ياش ئاق ساراينى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەش بۇرجەكلىك بىناغا بارغان، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئوردېنغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 24-ئاۋغۇست ئۇلارغا فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى بولغان چەۋەنداز ئوردىنېنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەرگەن.