- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باشار: ياۋروپا نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك
2015.09.18 13:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئاساد يېقىندا رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەسىلە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقتا ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ مەسىلىنى مەنبەيىدىن ھەل قىلىش-قىلماسلىقىدا. ئەگەر ياۋروپا مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلار تېررورچىلارنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك. باشار يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى، سۆزلىشش ۋە سىياسىي يول ئارقىلىق سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر