جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2015-يىللىق بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى 16-سېنتەبىر بېيجىڭدا باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ليۇ چىباۋ مۇنبەرگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.