خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مىللەتلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 14-سېنتەبر دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 8 - نۆۋەتلىك مەملكەتلىك مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىدىكى كەسپىي تايانچلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئەزاسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يولداش ئې يىتەي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
بۇ قاراردىكى ئالتە كۈنلۈك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش كۇرسى ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىنى ئاساسىي نىشان قىلغان. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان، دەرس مەزمۇنى مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، مىللىي تىل - يېزىق سىياسىتىنى، مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كېڭەيتىپ مەشىق قىلىش، نەق مەيدان ئوقۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، ۋە مىللەتلەر نەشىرىياتى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژۇرنىلى قاتارلىق كومىتېتىغا قاراشلىق ئالتە ئورۇننىڭ 70 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق تەرجىمە خىزمىتىدىكى كەسپىي تايانچلار بۇ قېتىمقى تەربىيىلەشكە قاتناشتى.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى