باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى

2015.09.29 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ ئىككى كېچە - كۈندۈزدە 6000 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سەككىز ناھىيەسىگە باردى، ئۇ بارغانلىكى يېرىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

  يۈ جېڭشېڭنىڭ ھېيتگاھ توغرىسىدىكى ئەسلىمىسى

  يۈ جېڭشېڭ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە بېرىپ، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: «بۇ مېنىڭ ھېيتگاھ جامەسىگە ئۈچىنچى قېتىم كېلىشىم، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۇيۇلىدۇ»، دېدى.

  1442 - يىلى سېلىنغان بۇ جامە قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ جامە بولۇپلا قالماي، مەملىكەت بويىچىمۇ كۆلىمى چوڭ جامەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ جامەنىڭ تارىخى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندا، ئۆزىنىڭ ھېيتگاھ توغرىسىدىكى ئەسلىمىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ھېيتگاھ جامەسىگە تۇنجى كەلگىنىمدە، ماڭا قەدىمىي تۇيغۇ بەرگەن، بۇ ئىمارەت سەل كونىراپ قالغاچقا، بەزى جايلىرىنى رېمونت قىلسا بولغۇدەك دەپ ئويلىغانىدىم. بۇ قېتىم ھېيتگاھ جامەسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئىچكى بېزىلىشى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپتۇ، كىشىگە مۇستەھكەم، پۇختا تۇيغۇ بېرىدىكەن.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەت قانچە تەرەققىي قىلسا، مەسچىت قۇرۇلۇشىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇڭا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئىشى».

  يۈ جېڭشېڭ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى جۈمە تاھىر داموللىنىڭ بۇلتۇر زوراۋانلار تەرىپىدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «جۈمە تاھىر داموللىنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك قايغۇردۇم. ئۇ ۋەتەنپەرۋەر، شۆھرەتلىك دىنىي زات. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلاتتى، شىنجاڭ ۋە قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان».

  يۈ جېڭشېڭ يەنە مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى. سوتسىيالىستىك ۋەتەننى سۆيۈش، دۆلەت تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئارزۇسى».

  يۈ جېڭشېڭ ھېيتگاھ جامەسىدە زىيارەتتە بولۇشنىڭ ئالدىدا، يەنە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىغىمۇ بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى يېتەكلەشكە رىغبەتلەندۈردى ھەم شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارغا سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئەھۋالى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم كەلگۈسىدە يېڭى مەكتەپ ياتىقى سېلىپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.دىنىي زاتلار ۋەكىلىدىن بىرەيلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «چەت ئەلدە جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، بولۇپمۇ نۇرغۇن جايدا خەنزۇچە خەتلەرنى كۆرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى».

  يۈ جېڭشېڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەمنۇن بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.

  يۈ جېڭشېڭ دىنىي زاتلارغا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتى ئومۇمەن ياخشى ئىشلەندى، دىن ساھەسىنى ئومۇمەن تىنچ دېيىشكە بولىدۇ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماس يولدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى».

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىلگىرىمۇ ئىپادەڭلەر ياخشى بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىيەلەيدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن».

  ئىشقا ئورۇنلىشىش زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى

  يۈ جېڭشېڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. يۈ جېڭشېڭ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، شۇ جايدىكى رەھبەرلەر ۋە بىر نەچچە مىنىستىرلىق، كومىتېت ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا: «قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بولۇپمۇ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك»، دەپ تاپىلىدى.

  قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر رايونىدا، يۈ جېڭشېڭ كەسپلەرنىڭ كۆلىمى ۋە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. سانائەت رايونىغا ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 43 كارخانا ماكانلىشىپ، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىدىن، كەلگۈسىدە يەنە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.

  بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە بۇ يەرگە كەلگەندە، بۇ جايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ بۇنچە تېز ئۆسىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن». يۈ جېڭشېڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ كەسىپلەر رايونىدىكى بىر ئېلېكتىرون تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ سېخىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئايال ئىشچىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

  −− بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ −− دەپ سورىدى.

  −− بىر يېرىم يىل بولدى.

  يۈ جېڭشېڭ سەمىمىيلىك بىلەن:

  −− ھازىر قانچىلىك كىرىم قىلىسىز؟ −− دەپ سورىدى.

  −− 2500 يۈەندىن ئاشىدۇ، −− دېدى ئايال ئىشچى.

  −− ئېرىڭىز قەيەدە خىزمەت قىلىدۇ؟ قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟

  −− ئېرىم قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ كىرىمى كۆپ بولسىمۇ، ماڭا يەتمەيدۇ، مەن مۇقىم خىزمەت قىلىمەن.

  يۈ جېڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

  يۈ جېڭشېڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بىر پەلەي شىركىتىدە، شىركەتنىڭ بىر يىلدىلا 2163 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، شىركەت مەسئۇلى چېن جيەنخۇانىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ، قايىللىق بىلەن: «شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىش قىپسىلەر!» دېدى.

  يۈ جېڭشېڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا شۇنداق».

  يۈ جېڭشېڭ بۇ كارخانىدا 45 مىنۇت زىيارەت قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، ئېكسپورت ئەھۋالى، ئىشچىلارنىڭ كىرىم مەسىلىسىنى ئەستايىدىل سۈرۈشتۈردى ھەم ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن پاراڭلاشتى.

  يۈ جېڭشېڭ بۇ پەلەي زاۋۇتىنىڭ زىيان تارتىۋاتقان كارخانا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە زاۋۇت قۇرغان كارخانىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى ئاسان ئەمەس، قانداق قىلىپ كارخانىلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق، قانداق قىلىپ كەسىپ زەنجىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك».

  چېن جيەنخۇا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «رەئىس يۈ جېڭشېڭ بىلەن بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن بولساممۇ، مەندە تولىمۇ مۇلايىم، كىچىك پېئىل تەسىر قالدۇردى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى شۇنچە سەمىمىي بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپتى».

  چېن جيەنخۇا مۇنداق دېدى: «كارخانىمىزنىڭ ھازىرچە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىدە قىيىن ئەھۋالدىن تېزلا قۇتۇلىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل، بۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلار ئۈچۈن زور مەدەت بولىدۇ».

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە تايىنىش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئۈنۈملۈك تەدبىر» دېيىلسە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار ئامبىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقانلىق، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، خەنزۇ قىزچاق سۈي جيۇشيۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان قىلىپ: «ھۆرمەتلىك رەئىس يۈ جېڭشېڭ، مەن سۈي جيۇشيۇ بولىمەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. بۈگۈن مەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا - بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ۋاكالىتەن سىزگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن»، دەپ ئەھۋال سورىشى بىلەن پۈتكۈل مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.

  سۈي جيۇشيۇ بۇلتۇر مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيەلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىش ئالاھىدە سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بەختىمگە تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان ئىستۇدېنت بولۇپ قالدىم، ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسىدە خىزمەت قىلىۋاتىمەن».

  «راست گەپنى ئېيتقاندا، مەن بۈگۈن چوڭقۇر ھاياجان ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن سۆز قىلىۋاتىمەن، بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز، يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭمۇ ئەسقاتىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلاۋاتىمىز، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇۋاتىمىز». يۈ جېڭشېڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى ھەم «بۇ يەرگە كەلگىلى قانچىلىك بولدى»، دەپ سورىدى.

  سۈي جيۇشيۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يەرگە كەلگىلى بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ھالىمىزدىن تولۇق خەۋەر ئالدى، ئۇيغۇر ئامما بىزگە ھەمراھ بولدى، كەلگەندىن بۇيان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلدىم».

  سۈي جيۇشيۇ: «ئادەتتە بۇ يەردىكى رەھبەرلەر بىزگە ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك، ئاز سانلىق مىللەت ئامما خۇددى ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، دائىم مەن بىلەن قەشقەر شىۋىسىدە <تىنچلىقما؟ تىنچ تۇردىلىما؟> دەپ سالاملىشىدۇ، ماڭا باشقىلارغا تايانمايدىغان قەشقەرلىق بولۇشنى ئۆگەتتى، بۇنداق ئالاھىدە غەمخورلۇقتىن بەكمۇ تەسىرلەندىم».

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇلتۇر 3 - ئايدا ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدىغان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش خىزمىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنىڭ يېڭىچە شەكلىدىن ئىبارەت.

  بۈگۈنكى كۈندە ياش سۈي جيۇشيۇمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قاتلامدا ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن بۇ يەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، يۇرتداشلار مېنى <شياۋسۈيگۈل> دەپ چاقىرىشىدۇ. مەنمۇ پۇقرالارنىڭ بېيىشىغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىمەن، مەسىلەن: ئاممىنىڭ تور دۇكىنى ئېچىشىغا، زاۋۇت قۇرۇشىغا ياردەم قىلدىم. تېخى مىللىيچە كىيىم ماركىسىنى بازارغا سالدىم».

  سۈي جيۇشيۇ: «بىر يىل قەشقەردە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ھەقىقىي تايانچ كۈچنىڭمۇ ئاساسىي قاتلامدا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۆز رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە جان - دىلىم بىلەن تۆھپە قوشۇپ، قەشقەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن»، دېدى.

  يۈ جېڭشېڭ «ھېكايىڭىز كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىكەن»، دېدى.

  ئۇ: «مەن شىنجاڭغا ئون قېتىم كەلگەن، قەشقەرگە يەتتە قېتىم كەلدىم. ھەر قېتىم قەشقەرگە كەلگەندە، بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»، دېدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەلرايىنى مايىل قىلىش، ئەل قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى جاپالىق. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىسى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كۆپچىلىكىنىڭ زىممىسىگە ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن، شۇڭا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جان - دىل بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يەكەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، بىر ئۇيغۇر قىز ئىستۇدېنت يۈ جېڭشېڭغا ئۆزىنىڭ جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  ئۇنىڭ ئىنىسى بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا قاتناشقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىنىم بىلەن ئىككىمىز ياخشى ئوقۇپ بىلىم ئىگىلىگەن بولساق، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالىغان بولاتتۇق. شۇنداقتىمۇ پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىزگە تېررورچى دەپ مۇئامىلە قىلماي، بىزنى تاشلاپ قويمىدى. مەن مىنەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم. بۇ يىل يەكەن ناھىيەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جاڭ چۈنشيەن شۇجى بىلەن كۆرۈشتۈم ھەم بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. ئانا ۋەتەن بىزدىن خاتىرجەم بولسۇن، بىز قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايلا قالماستىن،ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمىز».

  يۈ جېڭشېڭ چاۋاك چېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئالقىشلىدى. يۈ جېڭشېڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يەكەن ناھىيەسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئاساسىي قاتلامدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زور قۇربانلىق بەردى. ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى پۇقرالار رازى بولغۇدەك بېجىرىش كېرەك. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ھەقىقىي ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى قەشقەرگە قىلغان ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، كەچ سائەت 8 بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئالدىراش زىيارىتى تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى. ئۇ يەنە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ باشقا جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە مائارىپ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر