باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۆستۈرۈلىدۇ

2015.09.30 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نەپىقە پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مېيىپلار (مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىسى، مېيىپ دۆلەت ئورگان خىزمەتچىلىرى، مېيىپ خەلق ئەسكەرلىرى، دېھقان ئىشچىلار)نىڭ مېيىپلىك نەپىقە پۇلى ئۆلچىمى، شەھەر-بازارلاردىكى «ئۈچ خىل خادىملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» (ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھۆكۈمەت ئىشى سەۋەبىدىن قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى) نىڭ قەرەللىك نەپىقە پۇلى ئۆلچىمى، «قىزىل ئارمىيەدىكى ئۈچ خىل خادىم» (جايلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەدىكى قىسىمدىن ئايرىلىپ قالغان خادىم)لارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا %15 ئۆستۈرۈلىدىكەن، يېزىلاردىكى «ئۈچ خىل خادىملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»نىڭ قەرەللىك نەپىقە پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا %30 ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا يىلدا كىشى بېشىغا 2400 يۈەنگە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ياشانغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا يىلدا كىشى بېشىغا 1200 يۈەنگە تەڭشەلگەن، يۇقىرىقى راسخوتلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىكەن. كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى كىشى بېشىغا ئايدا 360 يۈەندىن 410 يۈەنگە، ئۇرۇشقا قاتناشقان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى كىشى بېشىغا ئايدا 360 يۈەندىن 460 يۈەنگە، يېزىلاردىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ بىر يىل يىللىقىغا ئايدا 5 يۈەندىن ياردەم پۇلى قوشۇپ بېرىلگەن، يۇقىرىقى راسخوتلارنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىكنىڭ مالىيەسى نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  ياردەم بېرىش ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۇرۇش سەۋەبىدىن مېيىپ بولغان قالغان ھەربىيلەرنىڭ نەپىقە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 60210 يۈەنگە، ھۆكۈمەت ئىشى سەۋەبىدىن مېيىپ بولغان قالغان ھەربىيلەرنىڭ نەپىقە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 58310 يۈەنگە، كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولغان قالغان ھەربىيلەرنىڭ نەپىقە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 56400 يۈەنگە تەڭشىلىپ، 2014-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7850 يۈەن، 7610 يۈەن، 7360 يۈەن ئۆسكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر