خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-سېنتەبىر، پېڭ لىيۈەن نيۇيورك جۇلىيا ئىنىستىتۇتىدا بېتخوۋېن، موزارتلار ئىجاد قىلغان مۇزىكىلارنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆردى. پېڭ لىيۈەن ئەستايىدىللىق بىلەن قوليازمىلارنى كۆرۈپ، «ھەقىقەتەنمۇ بىباھا ئىكەن» دەپ ماختىدى. ئۇ جۇلىيا ئىنىستىتۇتى مۇزىكا تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى، مۇزىكانتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، سەنئەت مائارىپى ساھەسىدىكى ئۈلگە دېسەك بولىدۇ، دېدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەرىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى