باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك

2015.10.01 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر 13 ۋەكىلى بېيجىڭغا بېرىپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  سۈرەتتە : شى جىنپىڭ 30 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشمەكتە.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر 13 ۋەكىلىنى بېيجىڭغا كېلىپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. 30- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5 ئەتراپىدا، خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، 13 ۋەكىل ھاياجانلىقىدىن باش شۇجىنى چۆرىدەپ، ئۆز يۈرتىدىكى ئۆزگىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى بەس- بەستە تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىر- بىرلەپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. يېقىندا خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا- سىڭىللار ئەۋەتكەن خەت ۋە «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق كەشتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئىككىڭلار ئۇنى كەشتىلەشكە خېلى كۆپ ئەجىر قىلىپسىلەر؛ يازغان خېتىڭلاردىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرۇپتۇ، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. يېقىندا ئېلىمىزدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار كۆپ بولدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بايرام ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز، تاۋۇز چاغىنىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىمىزغا دۆلەت بايرىمى كەلدى. يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنىدۇق. بىر نەچچە كۈندىن بېرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. مەن سىلەرنى بېيجىڭغا كېلىپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇلۇغ ۋتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئېلىمىزدىكى بەش ئاپتونوم رايوندىكى ئوخشاشمىغان مىللەت، ئوخشاشمىغان ئىش ئورنىدىن كەلدىڭلار، ھەممىڭلار ئۆز ئەھۋالىڭلارنى تونۇشتۇردۇڭلار، ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەممىڭلارغا ئورتاق ئالاھىدىلىك شۇكى، ھەممىڭلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئۆزۈڭلارنى بېغىشلاپسىلەر، قىلغان ئىشىڭلار كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ، قوشقان تۆھپەڭلار ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىكەن. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىلەردىن شۇنداقلا سىلەر ئارقىلىق، يۇرتداشلىرىڭلاردىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلاردىن بايراملىق ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا ئالىي تىلەك تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلىك بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق ھەم دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم فاڭجېنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق. مەن: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، بىر مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدىم. مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىشتىكى مەقسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى تېخىمۇ چىڭ مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش - پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ھەم مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق نىشانى. بۇ ئارزۇ ۋە نىشانغا يېتىش - مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى، ئۆز ئارا بىرلەشكەن، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇيىمىز. جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، خەلقنى تېخىمۇ بەختىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. كېمىنىڭ كۈچى يەلكەنگە، ئادەمنىڭ كۈچى نىيەتكە باغلىق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سىردىشىش بولۇپ، ئىشەنگەنگە ئىشىنىپ، سەمىمىيلىكى بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇش كېرەك. ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك. كۆپچىلىك ھەرىكەتكە كېلىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك ئىجتىمائىي شارائىتىنى تىرىشىپ ھازىرلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر 13 ۋەكىلى: ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن موڭغۇل ۋەكىل ئويۇن سويۇل؛ گۇاڭشىدىن كەلگەن جۇاڭزۇ ۋەكىل دۇ لىچۈن؛ شىزاڭدىن كەلگەن زاڭزۇ ۋەكىل گېساڭ ۋاڭجيۇ، گېساڭ جوگا، بيەنبا، بەيما ياڭجىن ۋە خەنزۇ ۋەكىل سۇڭ يۈگاڭ؛ نىڭشيادىن كەلگەن خۇيزۇ ۋەكىل چىن ۋېنبو؛ شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىل خانئايشەم ئەنۋەر، مېھرىگۈل ئەنۋەر، مەمەتتۇراپ مۇساق، قازاق ۋەكىل جۇماتاي ئاۋبەكر ۋە خەنزۇ ۋەكىل يۇ لياڭيىڭدىن ئىبارەت. ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس تۆھپە قوشتى، بەزىلىرى يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى ۋە باشلامچىلىق قىلدى، بەزىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان، جاپالىق رايونلاردا مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، خالس تۆھپە قوشتى، بەزىلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

  ۋەكىللەر باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ھەم ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئىچ- ئىچىدىن خۇشال بولدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، باش شۇجى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنى ياد ئەتتى. ئاپتونوم رايون ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرى. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، يۇرتىمىز ۋە ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز. ۋەكىل خانئايشەم ئەنۋەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاچا- سىڭىل ئىككىمىز ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ، «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق كەشتىنى ئىشلەش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى ۋە غەيرىتىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان. باش شۇجىنىڭ ئاچا- سىڭىل ئىككىمىزنى بېيجىڭغا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. بۇ، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ شەرەپ. كەنتتىكلەر باش شۇجىنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدا باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىمىزنى تاپىلىدى. رامكىلىق كەشتىنى تىككەندەك، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ، روناق تاپقان گۈزەل مەنزىرىسىنى كەشتىلەپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر