باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش ئۆلچىمى ئۆلچەمگە يەتمىدى؟

مۇتەخەسسىسلەر ئالدىراپ سېلىشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى

2015.09.30 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئۆلچەم ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، مۇتەخەسسىسلەر پۈتۈن كۈنلۈك ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنى ئالدىراپ ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرماسلىقىنى، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئىشچىلارغا قارىتىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىنى بايقىسا تەدبىر قوللىنىپ ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل ئۆلچەم ھەر جاينىڭ شارائىتىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتكەندە يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش چىقىمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، جامائەت تۇرالغۇ ئۆي پۇلى، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەم قىلىپ، ئوخشىمىغان ھېسابلاش فورمۇلاسى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۇنىۋېرسال بېكىتىدىكەن. مەسىلەن، بېيجىڭنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى خېيلۇڭجياڭنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇڭا مائاش ئۆلچىمىمۇ يۇقىرىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايلىق ۋە سائەتلىك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدىكەن: ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتىلىدىكەن. ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت ئادەتتە بىر كۈندىكى خىزمەت ۋاقتى تۆت سائەتتىن، ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 24 سائەتتىن ئاشمايدىغان خىزمەتنى كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتنىڭ خىزمەت ۋاقتى بويىچە ھېسابلىسا بولمايدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بارلىق كەسىپكە ماس كېلىدۇ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، سائەت بويىچە ھېسابلايدىغاننىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى چەكلىك مۇددەت بېرىپ قالغان ئەمگەك ھەققىنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر