- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت بىر يۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدى
2015.09.30 13:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت بىر يۈرۈش باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، 29 - سېنتەبىر بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، مەركەز بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28 - سېنتەبىر ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 28 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نيۇيوركتىن ئايرىلىپ، جۇڭگوغا قايتتى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى باۋكۇس قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر