- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا، رۇسىيە باشلىقلىرى ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى
2015.09.30 14:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 28-سېنتەبىر ب د ت بىناسىدا ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئوباما بىلەن پۇتىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 70-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىلىشىشىدە سۆز قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرىلەشكەن.ئوباما مۇنداق دېدى: سىياسىي ئۆتكۈنچە ۋاقىت ئارقىلىق، سۈرىيەدە باشار يوق، سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. پۇتىن مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»گە قارشى تۇرۇشنى رەت قىلىش «چوڭ خاتالىق». تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر