باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66يىللىقى قىزغىن تەبرىكلەندى

گوۋۇيۈەن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى جاڭ گاۋلى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2015.10.01 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن 30- سېنتەبىر خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە 1100دىن كۆپ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك زات جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالى رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، مېھمانلار بىريەرگە جەم بولۇپ، قاينام- تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، «1949- 2015» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى نۇر چاچاتتى، ئىككى تەرەپتە قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا كۈيى»گە ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللىك مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان خەلقئارادىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 66 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈرىشىگە تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلار جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى، ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى بېيىغانلىقى شۇنداقلا خەلقنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەنلىكىدە ئىپادىلەندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلىگەن، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زور بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار ئارا تەڭشەش- تىزگىنلەش، نىشانلىق تەڭشەش- تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادى ھەرىكەت تەۋرىنىش ئىچىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، مۇۋاپىق ئارىلىق داۋاملىق ساقلاندى، تەرەققىيات سۈپىتىدە يەنە يېڭى يۈكسىلىش بولدى، قۇرۇلمىلىق تەڭشەشتە يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە يەنە يېڭى ياخشىلىنىش بولدى، سىستېما خاراكتېرلىك خېيىم- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭسەكلا، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا بويىچە 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، %7 ئەتراپىدىكى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىشى ئاسان ئەمەس، يېڭى پەللىدە تۇرۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتا ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل. پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، زىممىمىزدىكى بۇرچ ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسەتنى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات مىللەتلەر گۈللىنىشىنىڭ تۈپ يولى، بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە ئاتلىنىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قولمۇقول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ كۈچىنى توپلاپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا كۆپ تەرەپلىك قاتنىشىپ، تەڭ پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ بەختى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالايدىغان ئۆلچەم. پۈتۈن چارە- ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاھالە كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قالماسلىقى، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن مۈشكۈل ئەھۋالغا قالماسلىقى، قەلبىگە گۈزەل ئارمانلارنى پۈككەن ياشلارنىڭ ئۇششاق- چۈششەك رەسمىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش زامانىۋى دۆلەتنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى تېزدىن قۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى قوللاپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن مىللىي ھەقىقەتنى تەڭ زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، مەدەنىيەت قانداشلىقىنى ئورتاق تارقىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پايدا قوشۇلۇش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانلار تىنچلىقى بىلەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: كۈرەش قىلغاندىلا كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، خىزمەتلەرنى پۇختا، تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار شادىيانە مۇزىكا ئىچىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى قەدەھ كۆتۈرۈپ بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ گۈللەپ، قۇدرەت تېپىشىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ساغلام، خاتىرجەم ئۆتۈشىگە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر