خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا، ھىندىستانلىق سەككىز ياشلىق پراسادنىڭ تەڭداشسىز ماھارىتى كىشىلەرنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرغان. ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى يەرگە چاپلاپ، يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 18 سانتىمېتىر كىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ، 100 مېتىر ئارىلىققىچە تېيىلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا جېنىس رېكورتىنى يارىتىشىدىن ئۈمىد بار. (ھەبىبە تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى