خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافىدىن ئىبارەت ئۈچ تىجارەت كارخانىسى 29-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئېشىپ قالغان ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى تازىلىماسلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى، يەنى شۇ ئايدا ئىشلىتىپ بولالمىغان ئېقىم مىقدارىنى كېلەركى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ تۈرلۈك مۇلازىمەت بارلىق يانفون ئايلىق مۇلازىمەت ئابونتلىرىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش كەتمەيدىكەن، سىستېما ئۆزىلا بۇ مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىدىكەن. خېرىدارلار شۇ ئايدىكى مۇلازىمەت ئىچىدە ئىشلىتىپ بولالمىغان ئېقىم مىقدارىنى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتسە بولىدىكەن، كېلەر ئايدا ئالدى بىلەن ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارىنى ھېسابلايدىكەن، لېكىن ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارىنى 3-ئايغا سوزۇپ ئىشلەتسە بولمايدىكەن.
مەسىلەن: 10-ئايدا مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدە ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارىنى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتسە بولىدىكەن، لېكىن ئۇنى يىغىپ 12-ئايدا ئىشلەتسە بولمايدىكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى