باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن

2015.10.01 10:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى، بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدۇ: 8 -ئاينىڭ26-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قارار قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور بۇلۇپ باھالىنالايدىغان بولدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان بىر «چوڭ سوۋغات»بولدى. بۇ«چوڭ سوۋغات» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى دېيىشكە بولىدۇ، ھەقىقىي تۈردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەزگۈر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار خوشاللىققا چۆمدى، خىزمەتكە تېخىمۇ كىرىشىپ، تېخىمۇ غەيرەتلىك بولدى.

  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى جامائەت قەلبىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چەكسىز شەرەپلىك ئوبرازىنى تىكلەيدۇ، ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى جايلار مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار سوۋغا قوبۇل قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى «تەشەككۈر ئېيتىش»بايرىمى قىلىپ قويۇپ، مائارىپ كەسپىدىكى سوۋغا بېرىش سوۋغا قوبۇل قىلىش يوشۇرۇن قائىدىسى قىلىپ قويدى. بۇنى ئەينى چاغدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغاندا كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى بىلەن قارشى يول تۇتقانلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، شۇڭا بىز مۇناسىۋەتلىق رەھبەرلەرنىڭ بايرام كۈنىلا ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاپ قويۇپلا بولدى قىلماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاشنى دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇشى، تىرىشىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى، ھەقىقىي تۈردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ، ئوقۇتقۇچى ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئۆستۈرۈش ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى «توساق»نى ئېلىۋىتەلىسە، ئادىل، ئاشكارا بولسا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى جاپالىق تىرىشقاندا غەلىبە نۇرىنى كۆرەلىگەندە، ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە زېھنى-كۈچ بىلەن خىزمەت قىلىپ، كەسپىي-ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، قىزىقتۇرۇشنى رەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شان-شەرىپىنى ساقلايدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئاددىي ھەم ئۆزگىچە، ئوقۇتقۇچى ھەيكەلتىراش ئەمەس، ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بەدىئىي ئەسەرنى يارىتىدۇ، خۇددى زۇڭلى لى كېچياڭ ئېيتقاندەك : «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۇزاق مۇددەت مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، بولۇپمۇ يېزا، چەت-ياقا رايونلارغا بېرىپ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي بىلىم بەرگۈچى، ھاياتلىقتا يول باشلىغۇچى، مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى، ئەخلاقتا ئۈلگە كۆرسەتكۈچى قىلىپ چىقىش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ دۆلەتنىڭ بۇ «سوۋغا»سىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى، نىمە بىلەن جاۋاب قايتۇرىشنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك. بۇمۇئويلىنىشقا تىگىشلىك چوڭ مەسىلە.

  (مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبەسى: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر