باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى»نىڭ ئىجادچىسى-پەخرىدىن

2015.09.30 14:15   مەنبە: خەلق تورى

«سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى»نىڭ ئىجادچىسى-پەخرىدىن

  سۆرەتتە: «سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى»نىڭ ئىجادچىسى-پەخرىدىن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(مەرھابا ئەبەت خەۋىرى) ئالاقە تورىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى يېڭى بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۆزىگە خاس يېڭى بازارنى ئاچتى. ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇ يېڭى ساھەدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى جەھەتتە جەمئىيەتكە تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى پەخرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى توختىماستىن تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.

  1991-يىلى نېفىت شەھىرى قارامايدا تۇغۇلغان پەخرىدىن پالۋان ئائىلىسىدە يالغۇز پەرزەنت بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەش،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 15يېشىدا شىنجاڭدىن جېجىياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىگە بېرىپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇدى ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئوقۇش پۇتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە بېيجىڭ «مىيۇك» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى«سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى»غا مەسئۇل بولدى.

  «مەن 2015-يىلى3-ئايدا شىركەتكە كىرگەن، بۇ كوللېكتىپنىڭ تۆتىنچى بۇلۇپ كىرگەن رەسمىي ئەزاسى. مەن بۇ كوللىكتىپقا قوشۇلۇشتىن بۇرۇنلا، سۈرەتنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا سۈرەتكە تۈرلۈك يېزىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلارنى خاتىرىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئەپ دېتالى ياساشنى ئويلىغانىدىم، «سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى» بىلەن مىنىڭ ئويۇم بىر يەردىن چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەستىن بۇ كوللىكتىپقا قوشۇلۇشنى قارار قىلدىم»دىدى پەخرىدىن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تونۇشتۇرۇپ.

  پەخرىدىن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى داڭلىق پەن-تېخنىكا ئاخبارات شىركەتلىرىگە كىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە تور ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تەجرىبە توپلاشقا باشلىغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن سوخو(搜狐)غا كىرىپ بىر يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان ۋە كۆپ دۆلەتلەردە ئۆگىنىش ۋە ئېكىسكۇرسىيەدە بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىغا ئۇل سالغان.

  ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەخرىدىن ۋە خىزمەتداشلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇققان. مەسىلەن مۇشۇ ساھەدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش جەھەتتە مۇۋاپىق ئادەم تاپالماسلىق، توختىماي تىرىشىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالايدىغان، كوللېكتىپ روھى كۈچلۈك بىر گورۇپپا تەشكىللەش ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان. «گەرچە بۇرۇنقى خىزمەت ئورنۇمدا بۇ ساھەدىكى خېلىلا كۆپ ئىقتىدارلىق لايىھىلىگۈچى، مەھسۇلات دېرىكتورى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان بولساممۇ، ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلىگەندە بۇ كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. ئالاقە تورى مۇلازىمىتى كەسپى يېڭى گۈللىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرى بەك قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تىز بولغاچقا، توختىماستىن تىرىشىپ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ يىتىشىپ ماڭالايدىغانلار تېخىمۇ ئاز، شۇڭا بۇ بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىكى يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى» دېدى پەخرىدىن. ئەمما ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى، توختىماستىن تىرىشىشى نەتىجىسىدە بۇ كوللىكتىپ دەسلەپكى بىرنەچچە ئادەمدىن زورىيىپ، ئادەم سانى يىگىرمىگە يەتتى، «سېرىقماي فوتو ئاپپاراتى»مۇ غەلبىلىك ھالدا بازارغا سېلىندى. ھازىر ئاندىرويىد ۋە ئالما سېستىمىسى بويىچە بۇ ئەپنى ئىشلىتىدىغانلار جەمئىي تۆت مىليوندىن ئاشتى.

  زىيارەت جەريانىدا پەخرىدىندىن شىنجاڭغا قايتىش پىلانىنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورى مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى: «شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن ئاستا، شۇڭا ھازىرچە شىنجاڭغا قايتىپ بۇ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. ئەمما ئىشىنىمەنكى يېقىن كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيە بىلەن شىنجاڭدا بەزى قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشقا بىر خىل شەكىل ئارقىلىق بېيجىڭدا ئۆگەنگەن يېڭى نەرسىلەرنى شىنجاڭدا تارقىتىمەن ۋە تېخىمۇ جارى قىلدۇرىمەن.»

  زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا پەخرىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دىدى: « بىر شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، ئالاقە جەھەتتە تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئالاقە تورى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…