باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پاتىگۈل: مەن رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنمەن

2015.09.30 12:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگە تېلېگراممىسى (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى) رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار گەرچە پروگرامما رىياسەتچىلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا سىردىشىدۇ، تونۇشىدۇ. شۇنداقلا قەلبىدىكى غايىبانە سىمالار ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى، ئۇلارنى چۈشىنىشنى ئارزۇلايدۇ. مەن بۇ قىسقىغىنا ماقالەمدە دوستلارغا «جۇڭگوغا نەزەر» پروگراممىسىنىڭ دىكتورى، پىشقان تەرجىمان پاتىگۈل مۇھەممەت ھەققىدە ئازراق مەلۇمات بەرمەكچى.

  پاتىگۈل مۇھەممەت ئاقسۇ كوناشەھەردىن بولۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تۈرك تىللىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن (ھازىرقى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى). ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئالاھىدە ياخشى نەتىجىسى ۋە دىكتورلۇق ماھارىتىگە تايىنىپ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا خىزمەتكە چۈشكەن.

  مەن پاتىگۈل ھەدەمدىن «سىز 20 يىلغا يېقىن ئىزچىل تۈردە رىياسەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋېتىپسىز، بۇ جەرياندا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش نېمە؟» دەپ سورىغىنىمدا پاتىگۈل ھەدەم مۇنداق جاۋاپ بەردى.

  رىياسەتچىلىك ۋە مۇخبىرلىق ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى 2003-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىمىزدىكى ئاتۇش سەپىرى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىكى رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ مېنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغىلى چىققىنى بولدى. ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆرۈنۈشلەر ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگىلا بىر قانچەيلەن مەندىن: «دۇنياغا نەزەر» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سىز بۇلامسىز؟- دەپ سورىدى. – ھەئە، ــ دېيىشىمگىلا ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ ـ ۋاي، شۇكەن،- دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مېنى ئورىۋالدى. مەن ئۇلارنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلار مېنىڭ مەركەزدىكى رىياسەتچى بولغانلىقىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە ئىپتىخارلانغان ھالدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ چەت بولۇڭ ـ پۇشقاقلىرىدىكى ھەر بىر دېھقاننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنمەن.

  مەن پاتىگۈل ھەدەمدىن ھازىر ئاڭلىتىلىۋاتقان پروگراممىلارغا قارىتا قانداق پىكىر، ئوي ـ خىياللىرىڭىز بار دەپ سورىغىنىمدا پاتىگۈل ھەدەم مۇنداق جاۋاپ بەردى.

  ئاخبارات نازارەتچىلىك رولىنى ئوينىشى كېرەك. مەن پروگراممىلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجىن ـ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقىلا ئەمەس بەلكى چېرىكلىك، قالايمىقان ھەق يىغىش، پارىخورلۇق، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ئۈستىدىن نازارەتچىلىك رولىنى ئۆتىسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن، يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق تىپىدىكى پروگراممىلار كۆپرەك ئېچىلسا، بىر قانچە يىلدىن بۇيان بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش ھادىسىسى ئەۋج ئىلىپ قالدى، بىز يىغىۋىلىش ئورنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئائىلىسىنى تېپىۋىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان پروگراممىلارنى ئاچساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر