باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 4نەپەر تارقاق ھەج قىلغۇچىنىڭ دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2015.09.29 20:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تۈنۈگۈن دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مەككىدىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە 4نەپەر تارقاق ھەج قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەككىدىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەككىدە يۈز بەرگەن ھەج قىلغۇچىلارنىڭ دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى. نەچچە كۈندىن بېرى، جۇڭگونىڭ سەئۇدىيدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانسى ۋە باشقا ئەلچىخانىلار بىر قاتار چارىلەرنى قوللاندى، 28-سېنتەبىر سائەت سەككىزگىچە، جۇڭگو ھەج قىلىش ئۆمىكىدىكى 14500نەپەردىن كۆپرەك ھەج قىلغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىندى، تالاپەت ئەھۋالى بايقالمىدى. ھەج قىلغۇچىلار ھەجنى تاماملىدى، يېقىندا دۆلەتكە قايتىدۇ.

  تارقاق ھەج قىلغانلار ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ ھازىرغىچە 4نەپەر قازا قىلغۇچىنى بايقىدى، جۇڭگونىڭ سەئۇدىيدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەقەدىن كېيىنكى ئېنىقلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە ياردەملەشتى. خوڭ لېي جۇڭگونىڭ سەئۇدىيدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەقەنىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق يېقىندىن ئەگىشىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر