باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھويلىدا لەپىلدىگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق

2015.09.29 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ بوۋاي ھېيت - بايراملاردا ھويلىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىدۇ، ھەر قېتىم قىزىل بايراق چىقارغاندا، ھويلا ياشانغانلار ۋە بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. ئۇلار ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ، دۆلەت شېئىرى ئىچىدە دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان. بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان سالىقجان ئىمىن بوۋاي ئالتە يىلدىن بۇيان قار - يامغۇرغا قارىماي، بايراق چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

  كۆڭلىگە دۆلەتنى پۈكۈش

  سالىقجان بوۋاينى 26 - سېنتەبىر ھويلىسىدا ئۇچراتتىم. سالىقجان بوۋاي مۇنداق دېدى: 1 - ئۆكتەبىردىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆيگە رەڭلىك بايراقلارنى ئاستۇق، پولات سىم ۋە دۆلەت بايرىقىنى يېڭىلىدۇق، يېقىندا كاماندىروپكىغا چىققان ئوغلۇم سالاھىدىن ماڭا ئالاھىدە سوۋغات ئورنىدا يېڭى ياڭراتقۇ ئېلىپ كەپتۇ. ئىلگىرى ئۈنئالغۇدا دۆلەت شېئىرىنى قويساق، ئاۋازى بوش چىقاتتى. ھازىر ياڭراتقۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئاڭلىيالايدىغان بولدى، بۇ ئىشتا ئاتا - بالا ئىككىيلەننىڭ ئويلىغىنى بىر يەردىن چىقىپتۇ. سالاھىدىن مۇنداق دېدى: كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلسەم، ئۆيدە 80 ئورۇندۇق كۆپىيىپ قاپتۇ، دادام بۇ يىل دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، دېگەنىدى. مەن بازارغا بېرىپ ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ كەلگىچە، دادام ئۆزى بېرىپ بۇ ئورۇندۇقلارنى سېتىۋېلىپتۇ. ئاتا - بالا ئىككىيلەن شۇنچىلىك ماسلىشىدىكەن، ئۇلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سۆز - ھەرىكىتىدە ئۈلگە بولۇپ، كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ياخشىلىق قىلىش، كۆڭلىگە دۆلەتنى پۈكۈشنى بۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلاندۇرغان.

  بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرى ئازادلىق ئارمىيە ئەمدىلا تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كەلگەندە، تۇرالغۇ جەھەتتە قىينالغان. سالىقجاننىڭ ئاتا - ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ: ئۆيىمىزدە بوش قالغان تۆت ئېغىز ئۆينى، تاشلىنىپ قالغان بىر نەچچە مو يېرىمىزنى يۇرت - ماكانىمىزنى قوغداۋاتقان بۇ جەڭچىلەرنىڭ تۇرۇشىغا بېرەيلى، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن 1950 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بىر پەي ئەسكىرى ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئۇلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتكەن.

  سالىقجان بۇ ئىشنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئېلىپ: 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشەرمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، دېدى. ئۇ ئەينى چاغدىكى شۇ جەڭچىلەرنىڭ ئىسمى خاتىرىلەنگەن خاتىرە دەپتەرنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئەينى يىلى ئۆيىمىزدە تۇرغان بىر ھەربىي مېنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۈرۈمچىدە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ سەپدىشىگە ئەينى چاغدا سالىقجاننىڭ ئاتا - ئانىسى بىزگە تاماق ئېتىپ بېرەتتى، كىيىمىمىز يىرتىلسا ياماپ بېرەتتى، مەينەت بولسا يۇيۇپ بېرەتتى، بىزگە خۇددى ئۆز ئاتا - ئانىمىزدەك مۇئامىلە قىلاتتى. شۇڭا بىز ئەينى چاغدىكى ئىنىمىز سالىقجاننى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ ئائىلىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، سالىقجاننىڭ جەمئىيەت، دۆلەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىش ئىدىيەسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. سالىقجان 2009 - يىلى 7 - ئايدا ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇھىم قارارىنى ئېيتتى، يەنى ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ھەم بۇ ئىشقا دەرھال تۇتۇش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئېيتتى. ئىككىنچى كۈيۈئوغۇل ئۆمەر: پولات تۇرۇبىنى بايراق خادىسى قىلساق ياخشى بولىدۇ، خادىغا شامالدۇرغۇچ ئۇلانغان تۇرۇبىنى كەپشەرلەپ قويساق، بايراق چىقارغاندا دۆلەت بايرىقى لەپىلدەيدۇ دېدى. ئوغلى سالاھىدىن: توردا بايراق چىقىرىشنىڭ سىن كۆرۈنۈشى باركەن، بايراق چىقىرىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئالدىن ئۆگىنەيلى دېدى. سالاھىدىن: قېيىنئاتام، قېيىنئانام بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ بۇ ئىشنى بەك ياخشى قىلغانلىقىمىزنى ئېيتتى، دېدى.

  سالىقجان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلىتىش، خادا ئورنىتىش، ھويلا تاملىرىنى ئاقارتىش قاتارلىق ئىشلارنى بىرمۇ بىر تاماملاپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى.

  سالىقجاننىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان قوشنىلىرى: دۆلەت بايرىقىنى مەيداندا چىقىرىدىغان تۇرسا، سىز نېمە ئۈچۈن ھويلىڭىزدا دۆلەت بايرىقىنى چىقارماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ دەپ سورىغان. ھەتتا بەزىلەر يامان نىيەتتە: ساڭا ئوبدانراق نەپ تەگكەن ئوخشىمامدۇ ياكى ئۆزۈڭنى كۆرسىتەي دەۋاتامسەن؟ دەپ سورىغاندا، سالىقجان مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى ئەمەسما؟ سىلەر دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەنمىدىڭلارمۇ؟ مەن بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەت ۋە پارتىيەگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرمەكچى. دۆلەت بايرىقى دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋولى، دۆلەت بايرىقى مەيداندىلا ئەمەس، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ بېشىدا لەپىلدەپ تۇرۇشى كېرەك.

  ئائىلە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش

  سالىقجاننىڭ بىر ئېغىز ئۆيىگە ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر ئېرىشكەن تۈرلۈك شان - شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى، شەرەپ مېداللىرى، تەقدىرنامىلەر تىزىلغان. سالاھىدىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دادام چۆچەك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەن پارتىيە ئەزاسى، ئىككى ئوغلۇم ۋە ئاچامنىڭ بالىسى پىيونېر، ئۈچ ئەۋلادنىڭ شان - شەرەپ بۇيۇملىرىنى بىر يەرگە قويساق، مۇسابىقىلەشكەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. ھازىرچە دادامنىڭ ئېرىشكەن شان - شەرەپ بۇيۇمى ھەممىدىن كۆپ، مەنمۇ دادامغا يېتىشىۋالاي دېدىم، ئەمدى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ كېتىش - كېتەلمەسلىكىگە قارايمىز.

  شان - شەرەپ قەدىرلىنىدىغان بۇ ئائىلىدە ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزۈش ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان، سالاھىدىننىڭ كىچىك چاغلىرىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلسىلا، سالىقجان نامرات ئائىلىلەردىن ھال سوراش ئۈچۈن، تەييارلاپ قويغان گۆشلەرنى ئوغلى سالاھىدىندىن ئەۋەتىپ بەرگەن.

  سالاھىدىننىڭ 14 يېشىدا تۇنجى قېتىم ئىئانە بەرگەنلىكى ئېنىق ئېسىدە ئىكەن. مەملىكەت بويىچە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پائال سەپەرۋەرلىك قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان سالاھىدىن ئۇزاقتىن بۇيان پارچە پۇل سېلىپ كەلگەن ئىككى بوتۇلكىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا پۇل ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى چۆچەك شەھەرلىك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىغا ئېلىپ بارغان. ئىشخانىدىكىلەر بوتۇلكا كۆتۈرۈۋالغان بۇ ئۆسمۈرنىڭ بۇ پۇللارنى دۆلىتىمگە ئاتىدىم، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالغان، ھەم تەسىرلەنگەن. ئىشخانىدىكى بىرەيلەن پۇلنى قانداق چىقىرىۋالىسەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ دەرھال: بوتۇلكىنى چاقساقلا بولىدۇ، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بوتۇلكىلارنى چېقىپ، تەڭگىلەرنى بىرمۇ بىر ساناپ ئۆتكۈزۈۋالغان، يەنە گېزىتخانا مۇخبىرىنى چاقىرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن، كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئىشى «تارباغاتاي گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنغان.

  سالاھىدىننىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئۆيگە قايتقاندا، دادىسى خۇشاللىقىدىن ئوغلۇم ئاخىرى چوڭ بولۇپسەن، مېنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئادەم بولغۇدەكسەن، دېگەن.

  سالاھىدىن ھازىر تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇنەۋۋەر دوختۇرى، ئۇ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئۈلگىسى ئىكەن.

   پالەچلىك كېسىلىنىڭ ئازابىنى 30 يىل تارتقان جاۋ يۈئې موماي سالاھىدىننى تىلغا ئېلىپ: سالاھىدىن دوختۇر بولغاچقىلا، ياشاش ئۈمىدىم تۇغۇلغان، دېدى. جاۋ يۈئې موماي 2004 - يىلى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش جەريانىدا سالاھىدىن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار ئارىسىدا ئانا - بالىدەك چوڭقۇر مۇھەببەت ئورنىتىلىدۇ. بۇ يىللاردىن بېرى، سالاھىدىن ھەر ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم جاۋ يۈئې موماينى يوقلاپ بارىدۇ، ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم سۈيدۈك كاتېتىرىنى يەڭگۈشلەپ قويىدۇ. موماي بۇ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىگەندە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: سالاھىدىن دوختۇر تۇغقانلىرىممۇ قىلالمايدىغان ئىشنى قىلدى، دېدى.

  سالاھىدىن دوختۇر جاۋ يۈئې مومايدىن باشقا يەنە يەتتە، سەككىز ياشىنىپ قالغان كىشىگە باشقىلارغا ئۇقتۇرماي ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى سالاھىدىن دوختۇرنىڭ بىمارلىرى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار ياشىنىپ قاپتۇ، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بار ئىكەن، دوختۇرلۇق سالاھىيىتىم بىلەن كېسەللەرگە ياردەم بەرسەم، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئىللىپ قالىدۇ.

  سالاھىدىن 2002 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ھەر يىلى «ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالاندى، 2010 - يىلى مەملىكەت بويىچە ياش ئىش ئورنى ماھىرى، دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەندى.

  بۇ يىل «1 - ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، سالاھىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك نەچچە كۈن بۇرۇنلا ناشتىلىق ۋە بالىلارغا بېرىدىغان سوۋغىلارنى تەييارلاپ قويدى. سالىقجان مۇنداق دېدى: بۇلارنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارغا تەييارلىدۇق. مەن كۆپچىلىكنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، قايتماستىن پاراڭلاشقاچ بىللە ناشتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار تارىخنى چۈشىنىپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، بۇلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

  سالىقجاننىڭ ئۇزاق يىل كېسەل ئازابى تارتقان خوتۇنى بۇلتۇر ئالەمدىن ئۆتتى. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش - ئۆتكۈزمەسلىكىنى سورىغاندا، ئۇ: دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، بۇ مۇراسىم ئادەتتىكى مۇراسىمغا ئوخشىمايدۇ، بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، دېدى.

  بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھويلىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىق خەۋىرىنى بىلوگتىن ئاڭلىغان دوستلار غۇلجا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلدى، سالاھىدىننىڭ خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا مۇراسىمغا بىزنى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالما، دەپ بۇرۇنلا تاپىلىدى. چۆچەك شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ بازىسى بولغان چۆچەك شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ سالاھىدىننىڭ ئۆيىگە بايراق چىقىرىشقا بارىدىغان بولدى. سالىقجان: ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى، بۇ ئىشنى كېيىن بالام داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە: قوشكېزەك ئوغۇللىرىم ھەر قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، بىزدىن كېيىن بۇ ئىشنى ئۇلار داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر