باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

2015.10.01 14:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر 13 ۋەكىل بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىنلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى ئەڭ چىرايلىق گۈل، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېۋىسى ئەڭ تاتلىق مېۋە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغان خەلق ئەڭ بەختلىك خەلق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 66 يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي ھالقىش بولدى، شەھەر- بازارلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى مۇقىم قەدەمدە ئۆرلىدى، خەلقنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئارقا- ئارقىدىن «يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دەۋرى»، «4G دەۋرى» «ئالاقە تورى+دەۋر» گە قەدەم قويدى ...... ھەر مىللەت ئامما بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىلەر، مىللىي رايونلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خۇددى يايلاقتىكى قۇياش، بوستانلىقتىكى قار سۈيى، تاغلىق رايوندىكى مەيىن شامال كەبى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جان تومۇرى»، «ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرىشى، خۇددى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى كېرەك». پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلدى، مىللىي رايونلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىناقلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. نامراتلارنى دەل يۆلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مىللىي رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتىنى قوغدىدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى ... ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  «جۇڭگو ئارزۇسى تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇڭا ئۇنى خەلققە تايىنىپ روياپقا چىقىرىشىمىز، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشىمىز كېرەك». جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچا- سىڭىل خانئايشەم ئەنۋەر ۋە مېھرىگۈل ئەنۋەرنىڭ ئۆزلىرى كەشتىلىگەن «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق كەشتىسىدە ئىپادىلىگەن قەلب ساداسى، «خەنزۇ دادا» سۇڭ يۈگاڭنىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ياردەم قىلىپ كەلگەن زاڭزۇ بالىغا باغلانغان قەلب رىشتىسى، ئويۇن سويۇل، دۇ لىچۈن قاتارلىق مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسى مۇقىم، باراۋەر، ئىتتىپاق، ھەمدەم، ئىناق بولۇش باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى قىلىنىپ كەلمەكتە. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، قان- قېرىنداشتەك زىچ بىرلەشكەن ئىتتىپاقلىقى شۇ قەدەر مۇستەھكەمكى، بۇزۇۋېتىش مۇمكىن ئەمەس، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى شۇ قەدەر قەتئىيكى، سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. قېرىنداشتەك ئىناق ئۆتۈپ، بىر- بىرىنى قوغداپ، ھەمدەم بولۇپ، قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، روھىي جەھەتتىن يار- يۆلەك بولغاندىلا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زور كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ تۈپكى ئامىل قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئۆزئارا ھالىغا يېتىش، ئۆز ئارا سەمىمىي بولۇش، ئەڭ يادرولۇق ئامىل ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەش، ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ چوڭ سىياسەت فاڭجىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتە ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، دائىم ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ كۆرۈشى، پات- پات ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇڭدىشىشى، دائىم ھەر مىللەت ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ، ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى، ئەلنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى، ئەلنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى كۆپلەپ چۈشىنىشى، ئۇلارغا ياردىمى بولىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلۇنۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيەتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى ئەبەدىي پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.

  كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى نىيەتتە. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش، ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى ئەلنى مايىل قىلىش». ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئەتىراپىغا خۇددى ماگىنىت تارتقاندەك مەھكەم توپلاشساقلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەلەيمىز، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر