باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋەتەن مەدھىيەلىنىپ، شىنجاڭغا بەخت تىلەندى

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› ناملىق ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

يۈ جېڭشېڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئويۇننى كۆردى

2015.10.01 15:11   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› ناملىق ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ـــ ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› 30-سېنتەبىر شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  تەڭرىتاغ تەبەسسۇم جىلۋىسى بىلەن يېقىن كىشىلىرىنى كۈتۈۋالدى، ھەر مىللەت پەرزەتنلەر پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەدھىيە ئوقىدى. شىنجاڭ خەلق سارىيى 30 – سېنتەبىر كەچتە ناخشا دۇنياسى، ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلاندى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› ناملىق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ، ئەركىن ئىمرباقى، جاڭ چىڭلى، ۋاڭ جېڭۋېي، جاۋ كېشې ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 2000 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىلەن بللە ئويۇننى كۆردى.

  جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۇەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىق رەھبەرلەر ئويۇننى كۆردى.

  ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› ناملىق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ‹‹شانلىق يىللار››، ‹‹باھار بەزمىسى››، ‹‹يىپەك يولىدىكى ھەسەن – ھۇسەن››دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. 1200 دىن كۆپرەك ئارتىس ئىجادىي سەھنە قارىشى بويىچە، ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بېسىپ ئۆتكەن شانلىق تارىخىي مۇساپە ۋە قولغا كەلتۈرگەن پارلاق نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن قايتا نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. شىنجاڭ 60 يىلدا ۋەتىنىمىز بىلەن بىللە بوران – چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ياراتتى. كېچىلىك ھەر مىللەت ناخشا – ئۇسسۇلى ‹‹زېمىن تەنتەنىسى›› بىلەن باشلاندى، ھەر مىللەتنىڭ شادىيانە، قىزغىن، شوخ ناخشا – ئۇسسۇلى شىنجاڭ خەلق سارىيىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ، تاماشىبنلار كۈي – نەغمە ئىچىدە ۋەتەننى مەدھىيەلەپ، شىنجاڭغا بەخت تىلىدى.

  نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەت ئۈستىدىن غالىب كەلدۇق، ۋاقىت ئېقىن سۇدەك ئۆتتى. ‹‹سالام ماۋجۇشى››، ‹‹چۆللۈكتىكى گۈلزارلىق››، ‹‹چېگرا رايون جەنۇبىي جۇڭگودىن قېلىشمايدۇ›› قاتارلىق ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كىلاسسىك ناخشىلار كىشىلەرنى بەئەينى ئاشۇ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان يىللارغا باشلاپ بېرىپ، تىنچ ئازاد بولۇش، ئاپتونوم رايون قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىسىتىك شىنجاڭ قۇرۇش كارتىنىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇشقا باشلىدى.

  قۇياش نۇرى سېخىلىق بىلەن چۈشكەن زېمىندا دەۋرنىڭ يارقىن نۇقتىسى جەۋلان قىلىندى. ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ياخشى›› ناملىق ئويۇن، مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە ‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىش – ئىزلىرى››، مۇزىكىلىق تىياتىر ‹‹قەلبداشلار كۆۋرۈكى››، بالىلار ناخشا – ئۇسسۇلى ‹‹ ۋەتىنىمىز گۈلباغچا›› قاتارلىق نومۇرلار 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

  يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ‹‹يىپەك يولىدىكى ھەسەن – ھۇسەن›› ناملىق ناخشا – ئۇسسۇل، ‹‹مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىلغان زېمىنغا ئاپىرىن›› ناملىق ھەرىكەتلىك شېئىر دېكلاماتسىيەسى، ‹‹مەڭگۈ قول تۇتۇشۇش›› ناملىق خور قاتارلىق نومۇرلاردا يېڭى تارىخىي پەللىدە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇش قەدىمىنىڭ كۈچلۈك، ئىستىقبالىنىڭ چەكسىز گۈزەل ئىكەنلىكى نامايان قىلىندى. بۇ، قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان زېمىندا ئىتتىپاق ئۆتۈش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر روھى ھەر بىر شىنجاڭ پەرزەنتلىرىدە ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچ – قۇدرىتىنى مۇجەسسەملىدى.

  كېچىلىك ‹‹ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ‹‹گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى››، ياڭراق ناخشا ساداسى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى دەل 23 مىليون تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نەمۇنچىلەر ۋە ئىلغارلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنىسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئويۇننى كۆردى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…