باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «شانلىق 60 يىل» تەنتەنىسى

2015.10.01 11:01   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «شانلىق 60 يىل» تەنتەنىسى

يۇقارقى سۆرەتتە:  29-سېنتەبىر كۈسەن مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىدە «شىنجاڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» تېمىسىدا 60 ياشلىق 60 نەپەر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 

 

مۇھەررىردىن:

 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق كۈنى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ھەرخىل شەكىللەر بىلەن بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتېرىلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىغا ئاتاپ گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇچا ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 29-سېنتەبىر كۈسەن مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىدە «شىنجاڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» تېمىسىدا 60 ياشلىق 60 نەپەر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى 1955 – يىل 9- ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن كىيىن تۇغۇلغان 60 نەپەر ھەر مىللەت ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلغانلىقىدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلەشتى . پائالىيەتتە يەنە ، ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرى كۆرسۈتىش،  ھۆسىنخەت يېزىشى بۇيىچە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ۋە 60 ياشلىقلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى يۇقۇرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈلدى. (كۇچا ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمدىن نىياز راھمان)

 

 

 

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ۋە شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىرلىكتە «شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆردى. كەنت ئاھالىلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى «شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي» فىلىمى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭغا، ۋەتەنگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقسۇ شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ئالىمجان قادىر مۇنداق دېدى: «مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن».

بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ھېكايىلەر ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئىشلار سۆزلىنىپ، ئەل قەلبى مۇجەسسەملىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە گۈزەل شىنجاڭغا بولغان مېھىر مۇھەببەت ئۇرغۇتۇلدى.

 

 

 

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باي ناھىيە مىچىغ يېزا قۇمدۆڭ كەنتىدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلار بۇ يىل قوناقتىن مول ھوسۇل ئالدى. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇلار بۇ خۇشاللىقىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىسىنى ئۆزلىرى تېرىغان قوناقتىن شەكىل چىقىرىپ تىزىپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى. (باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن قەھرىمان روزى)

 

 

 

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى،دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيەسى بايرام  تۈسىگە كىردى ،ناھىيە بازىرىدىن باشلاپ يېزا-كەنتكە قەدەر ھەر قايسى غول يول بويى، ئورگان، سودا-ساراي، دۇكان، ئۆيلەرنىڭ ئىشىك بېشىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلدى، پانۇسلار چىقىرىلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن لوزۇنكا، تەشۋىقات دوسكىسى كۆزنەك ئورۇنلارغا چىقىرىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭغا، ئانا ۋەتىنىمىزگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى نامايەن قىلىندى. (قاراقاش ناھىيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن)

 

مەنبە: خەلق تورى

 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…