باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ۋە چىقىرىش مىقدارى تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى قوللاشنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2015.09.30 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئادىل، قېلىپلاشقان، قولايلىق تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىش قارار قىلىندى؛ يامغۇر يىغىندى سۇلىرىنى راۋان چىقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان بۇلۇت شەھىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ۋە چىقىرىش مىقدارى تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى قوللاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەشكە تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىل، قېلىپلاشقان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ تەستىقلىشىغا بەرگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش تەستىقى قاتارلىق 62 تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قانۇن، بەلگىلىمە ئاساسى بولمىغان مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پىرىنسىپ بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، تېز يوللانما كەسپىي خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى بېكىتىش قاتارلىق 89 تۈرلۈك ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئىشلىرى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىقلىشىدىكى زۆرۈر شەرت قىلىنمايدۇ. ئۈچىنچى، «تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاۋۋال ئېلىش، ئىجازەتنامىنى كېيىن بېجىرىش» ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق بازار باشقۇرۇش تارمىقى، تەستىقلاش تارمىقى ۋە كەسىپكە مەسئۇل تارماقلار قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بويىچە ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشتا يوچۇق چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنىڭ تۈرىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، ئاساسىي قاتلام 1-سېپىنى تولۇقلاپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ۋە تەكشۈرگۈچىنى ئىختىيارىي تاللاشتەك «قوش ئىختىيارىي» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە تەستىقلىغۇچى ئورۇنغا قارىتا «قوش ئۇقتۇرۇش» مېخانىزمى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانا ۋە شەخسلەرنى خېرىدار چاقىرىش، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش، ھۆكۈمەتتىن سېتىۋېلىش جەھەتلەردىن چەك قويۇشى ياكى چەكلىشى كېرەك. بازار تەرتىپىنى ساقلايدىغان «تور»نى چىڭ ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر