خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تىنچلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈكسەك نىشانى. ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى تىنچلىق ئۈچۈن يارالغان، تىنچلىق ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلاندى. تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىپ ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى