باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن

2015.10.01 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 30 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «تيەنئەنمېن» مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۈرەتتە : شى جىنپىڭ گۈل ئۈستىدىكى لېنتىلارنى رەتلىمەكتە.

  گۈللەر قەھرىمانلارغا مەنسۇپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 30- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «تيەنئەنمېن» مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىللە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  «تيەنئەنمېن» مەيدانىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ، گۈللەر پورەك ئېچىلغانىدى. مەيدان مەركىزىدە «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» دېگەن باش تېمىدىكى زور گۈل بېزىكى تىنچلىق، ئاسايىشلىق، ئىناقلىق، خاتىرجەملىككە سىمۋول قىلىنغانىدى. مەيداننىڭ جەنۇب تەرىپىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئۈچۈن ياسالغان سەددىچىن سېپىلى باش تېما قىلىنغان چوڭ گۈللۈك ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى نامايان قىلغانىدى. پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 3000غا يېقىن ئامما قوللىرىغا گۈل ئېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ قاتار تىزىلىپ سۈكۈتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، شەرەپكە نائىل بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان 200گە يېقىن ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، شۇنىڭدەك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئوقۇغۇچىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بار ئىدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10غا ئاز قالغاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى «تيەنئەنمېن» مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى «مۇراسىم بۇرغىسى» چالدى. جاراڭلىق بۇرغا ئاۋازى كىشىلەرگە شانلىق تارىخىي يىللارنى ئەسلەتتى.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەختى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سانسىز قەھرىمان ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىسى تارىخ بېتىگە يېزىلدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!

  «ھۆرمەت قاراۋۇلى تەييارلان!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن تەڭ ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى مەزمۇت قەدەم بىلەن ھۆرمەت قەدىمىدە مېڭىپ خاتىرە مۇنارنىڭ ئالدىغا كەلدى ھەم مىلتىق تۇتۇپ دىققەت ھالىتىدە تۇردى.

  بېيجىڭ ۋاقتى دەل سائەت 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نەق مەيداندىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر بىلەن بىللە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەيداندىكى ھەممە كىشى سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ ماتەم بىلدۈردى.

  «بىز كوممۇنىزىم ئىزباسارى بىز،

  ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىس بولىمىز...»

  سۈكۈتتە تۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى مۇنارىغا قاراپ جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتتى، ئۇلار ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، رەتلىك ئەترەت سالىمى بەردى.

  چاسا سەپنىڭ ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھە ئامما، پىشقەدەم ئەسكەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتى ئايرىم- ئايرىم تەقدىم قىلغان توققۇز چوڭ گۈل بېزىكى قاتار تىزىلدى. گۈل بېزىكىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «خەلق قەھرىمانلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!» دەپ ئالتۇن رەڭلىك خەت يېزىلغانىدى.

  ھەربىي ئوركېستىر تەسىرلىك «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل بېزىكىنى كۆتۈرۈپ ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى مۇنارىغا يېقىنلاپ، گۈل سېۋىتىنى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ تۈۋىگە قويدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، خاتىرە مۇنارىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقتى ھەم گۈل سېۋىتى ئالدىدا ئۇزاققىچە سۈكۈتتە تۇردى. رەڭگارەڭ گۈللەر مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مېھرى- مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەنىدى؛

  شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا مېڭىپ، گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىسىنى ئاستا تۈزەشتۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارنى ئايلىنىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار، ھەر ساھە ۋەكىللەر خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا نۆۋەت بىلەن كېلىپ، قولىدىكى گۈللەرنى تەقدىم قىلدى، ئۇلار خاتىرە مۇنارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم ئۇلۇغ ۋەتەندىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكىتمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈردى، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرلىدى.

  گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلوڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بېيجىڭدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار گۈل سېۋەت تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

  ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرلەش كۈنى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 30-سېنتەبىر بېيجىڭ «تيەنئەنمېن» مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر