باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ باش ئورگىنىدا جۇڭگونىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش

2015.09.29 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 70-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپ باياناتچىسى دۇجارىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ئالدىن كۆرۈرلىك ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ سىياسەت تەكلىپى ۋە تەشەببۇسى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بېنىننىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئېنگۇكېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقان جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ دېگەن پوزىتسىيىسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كېڭىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىدە جۇڭگو ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىكلىكىنى قوللىدى، بولۇپمۇ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىكلىكىنى قوللاپ، بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلدى. ئامېرىكا «خۇففىڭتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ قارالدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇرغۇن جاكارلىرى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر