قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹مەن ۋە ۋەتىنىم›› تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكى 28-سېنتەبىر كەچ قەشقەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كېچىلىكتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىنغان بولۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىجىمائىي تەرەققىياتىدىكى شانلىق نەتىجىلەر مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن، شۇنداقلا يەنە قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىجىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ھېسسىياتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.