باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھان بېرىش ۋە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ

2015.09.08 13:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو ئاۋازى«مەملىكەت خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە« ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يېتەكچى پىكرى»نى بېسىپ تارقاتقان، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋانىدا ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىندى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۈگۈن 2017-يىلى ئەتراپىدا دائىمىيلاشقان باھالاشنى ۋە يېڭى تۈزۈمنىڭ ئىزىغا چۈشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۇردى.

  1986- يىلى بېكىتىلگەن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى كاندىدات ئالىي ئۇنۋان، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بولىدۇ، دېيىلگەن. ئەمدىلىكتە، بۇ تۈزۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ «پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان سىستېمىسىدا ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىندۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر