باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2015.09.10 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر لاسادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 8-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى−مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن چېگرانى ئىدارە قىلىش، چېگرانى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە ئىدىيەسى ۋە شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاق مۇددەت قۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپقا ئاساسەن، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقىتسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  يۈ جېڭشېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تەدبىرنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈردى. بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى، مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ جاپالىق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر