باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئالاقە تورى +» ھەمكارلىقى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇسۇلمانچە بۇيۇملار كەسىپى ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى

2015.09.16 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خۇيزۇ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، مۇسۇلمانچە بۇيۇملار كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، نىڭشيا بەزى مۇسۇلمانچە كارخانىلاردا تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىشنى سىناق قىلىپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە مۇسۇلمانچە بۇيۇملارنى ئەرەب ئەللىرى ۋە رايونلىرىغا ساتتى. چېن جىشەن خۇڭشەنخې يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى مەزگىلدە تور سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا سېتىش ئاساسىدا، كارخانىمىز ھازىر ئەلى بابانىڭ ئوتتۇرا شەرق مەخسۇس رايونى بىلەن توختام تۈزدى، مەھسۇلاتلىرىمىز ناھايىتى تېزلا توردا كۆرگەزمە قىلىندى.

  ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە، بىر قىسىم ئەرەب سودىگەرلىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز بەزىدە توردىن جۇڭگو مۇسۇلمانچە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەيمىز ھەمدە يەنىمۇ ئالاقىلىشىپ سودىلىشىمىز، لېكىن تېخىمۇ ياخشى سۇپا ئالاقىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. جۇڭگو (ۋۇجۇڭ) مۇسۇلمانچە كەسىپ باغچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، باغچا رايونى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا تورى، جۇڭگو مۇسۇلمانچە تورى قاتارلىق 5 سودا تورى سۇپىسىنى كەينى-كەينىدىن كىرگۈزدى، ھازىر، 25 كارخانىنىڭ 130 نەچچە خىل مەھسۇلاتى توردا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر