باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى

2015.09.17 14:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 16 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى چوڭ ئىش. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلەپلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە بەرگەن مەدىتى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىدە ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، تىرىشىپ قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كادىرلار، خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق خىزمەت پوزىتسىيەسى، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، جۈرئەت ئىمىن، بادەي يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر