باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2015.09.18 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرى خۇاڭ شۈشيەن يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت ئىككى بايرام مەزگىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىپ، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش- ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بايرام مەزگىلىنى، كونكرېت مەسىلىلەرنى، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى، ئېلان قىلىش،پاش قىلىشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر