باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

2015.09.18 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۇنيادىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا زىددىيەتلەرنى مۇستەھكەملەشتىن باش تارتىپ بولمايدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە ئىشىنىش ئارقىلىق، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالايدۇ، دۇنيامۇ ساغلام، مۇقىم، دۇنياغا قۇچاق ئاچقان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە موھتاج؛ ئىككى دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچ تىكلىشى كېرەك.

  ئامېرىكا ماريلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى مۇدىرى ئارونس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بىرىگە ئىشىنىشىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى سەۋەب قارشى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىگە بولغان ھۆكۈمىدە. ئىككى دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئالاھىدە تارىخىي ئالاقىنى خاتىرىلەپلا قالماستىن، كەلگۈسى مۇناسىۋەت تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆلىنىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاساس سېلىشى كېرەك.

  ئەنگلىيەدىكى 48 گۇرۇھ كۇلۇبنىڭ رەئىسى، لوندون ئېكسپورت شىركىتىنىڭ رەئىسى پېررىي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ناۋادا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشسا، بىر بىرىنىڭ بازىرىنى ئېچىپ، دۇنيا مىقياسىدا نەتىجە يارىتىپ، دۇنياغا غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

  ھىندىستاننىڭ نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەھلىلچىسى شوپرا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ھىندى ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، سۆزلىشىش ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر