لىۋاننىڭ پارلامېنت باشلىقى: لىۋاننى سۆزلىشىش ئارقىلىقلا قۇتقۇزغىلى بولىدۇ
2015.09.18 13:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋان مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بېررىي تۈنۈگۈن لىۋان مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا: لىۋاننىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتە مەملىكەتلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشى ناھايىتى مۇھىم، لىۋان دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىقلا ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېدى.
لىۋان پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى ئادنان يىغىندىن كېيىن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە زۇڭتۇڭ سايلىمى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى، كېيىنكى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سۆزلىشىش 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر