باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«نەشپۈت بىلەن شاپتۇلنىڭ ھېكايىسى»گە يوشۇرۇنغان سىر

2015.09.18 16:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۇ يىل ئەتىيازدا مەمەت خەنزۇ ئاچىسى يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كۆكتاتلىققا بىر نەچچە تۈپ شاپتۇل ۋە نەشپۈت كۆچىتى تىكتى. ئۇ ئاچىسىنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشى، مېھىر - مۇھەببىتى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، «نەشپۈت، شاپتۇل ئۆي ئايرىماس، ئۇيغۇر، خەنزۇ بىر ئائىلە» دېگەن نەقىلدىن ئوبرازلىق قىلىپ «نەشپۈت بىلەن شاپتۇلنىڭ ھېكايىسى»نى پۈتتى.
تونۇشقىلى يېرىم يىل بولمايلا، يۇ لياڭيىڭ نېمىشقا يىللىق كىرىمىنىڭ 1/3ىنى مەمەتكە قەرز بېرىدۇ؟ ئۆزى ئىجاد قىلغان چىلان پۇتاش تېخنىكىسىنى ئىككىلەنمەيلا باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويىدۇ؟ قانداق ئىش يۇ لياڭيىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئۇيغۇر يىگىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يېتەكلىشىگە سەۋەب بولىدۇ؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ «نەشپۈت بىلەن شاپتۇلنىڭ ھېكايىسى» كىشىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ، يۈرەكلەرنى تىترىتىدۇ؟
يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتنىڭ ھېكايىسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھېكايىمۇ ئەمەس، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى تەسىرلىك ھېكايە. بىر سودىگەر يۇ لياڭيىڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەسىرلەنگەن ھالدا: يۇلياڭيىڭنىڭ كۆكتاتلىقىغا تىكىلگەن شاپتۇل بىلەن نەشپۈت كۆچىتىنىڭ تۈۋىگە مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بەخت سىرى كۆمۈلگەنىكەن، دېدى. يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتنىڭ ھېكايىسى شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇكى، ئۇنىڭغا مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچى سىڭگەن بولۇپ، باي - نامرات دەپ ئايرىمايدىغان، مىللەت، قانداشلىق ھالقىغان تەسىرلىك ھېكايە سۆزلەنگەن.
مەمەتنىڭ خوتۇنى ئاغرىپ قېلىپ، يۇ لياڭيىڭدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل سورىغاندا، يۇ لياڭيىڭ ئەينى يىلى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەدىنىڭ ئۆزىگە 30 مىڭ يۈەن كۈتۈنۈش پۇلىنى قەرز بېرىپ تۇرغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. مەمەتنىڭ چىتلاق ئۆيى، بالىسىنىڭ ئاچلىقتىن يىغلاشلىرى يۇ لياڭيىڭغا نامراتلىقتا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈللۈك يۇ لياڭيىڭنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ، مەمەتكە خالىس ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
لۇشۈن: چەكسىز يىراقتىكى سان - ساناقسىز كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىم بار، دېگەنىدى. مۇشۇنداق مۇھەببەت يۇ لياڭيىڭدىمۇ، مەمەتتىمۇ بار، يەنە نۇرغۇن كىشىمۇ دەل شۇنداق. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا يۇ لياڭيىڭ مەمەتكە ياردەم قىلدى، مەمەت نۇرغۇن يۇرتداشلىرىغا ياردەم قىلدى؛ چىلان پۇتاش، كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى يۇ لياڭيىڭ مەمەتكە ئۆگەتتى، مەمەت كەنتتىكىلەرگە ئۆگەتتى. يۇ لياڭيىڭ بىڭتۈەن 1 - شى 13 - تۈەندىكىلەرنىڭ ئىشچى ياللاپ ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولدى، مەمەت نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئىشقا تونۇشتۇردى. ھازىر گۇما ناھىيەسىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 13 - تۈەن بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مانا بۇ مېھىر - مۇھەببەتنىڭ كۈچى، بۇنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، خۇددى مامكاپقا ئوخشاش يىراقلارغا ھاياتلىق تارقىتىدۇ.
ۋۇ دېڭيۈن قاقاس ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتتى. نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك ئاممىنى داۋالىدى. ئابلىز خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، 60 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزدى، ئۇ مىللەت ئايرىماي، ھەممىسىنى قېرىندىشىم دەپ قارىدى. ئەينى چاغدا ئون نەچچە يېتىم بالىنى بېقىۋالغان ھەنىپە ئانىدىن بىرەيلەن: نېمىشقا خەنزۇ بالىنى بېقىۋالىسىز، دەپ سورىغاندا، ئۇ: تاشلىۋېتىلگەن بالىنى بېقىۋېلىش ئىنسان ئۈچۈن نورمال ئىشقۇ، بۇمۇ مىللەت ئايرىمدۇ؟ دېگەن ئىكەن. ئەگەر نەشپۈت بىلەن شاپتۇلنى خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇرغا ئوخشاتساق، يىلتىزى تۇتاش، شاخلىرى گىرەلەشكەن ئايرىلماس بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئاددىي مۇھەببەت ئەتىيازدا چېچەكلەپ، كۈزدە مېۋە بېرىدۇ.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، سان - ساناقسىز كىشىلەر ئاددىي مۇھەببىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى «نەشپۈت بىلەن شاپتۇلنىڭ ھېكايىسى»نى يېزىپ چىقتى. ساپ، ھەقىقىي مۇھەببەتنى مەڭگۈ كۆكلىتىپ داۋاملاشتۇرغاندا ۋە تارقاتقاندا، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى بىر پىلەكنىڭ خەمەكلىرىدەك بىر - بىرىگە رىشتە باغلاپ، بەخت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر