خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « ئالتاي يولىدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى!» 20-سېنتەبىر سائەت11ئەتراپىدا، 120 تاكسىنىڭ ئالتاي يولى ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتىشى بىلەن شەھەر ئاھالىسى 167 كۈن كۈتكەن ئالتاي يولى ئاسما كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، چەكلىنىدىغان سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچىدە يەنە بىر جەنۇپتىن شىمالغا ماڭىدىغان تېز سۈرئەتلىك يول جان تومۇرىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە،ئالتاي يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئالتاي يولى-غەربىي شىمال يولى قاتناشنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قارارلىق تۈرى بۇلۇپ، قۇرۇلۇش شىمالدا ئالتايدىن يولى بىلەن خېنەن يولىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىن باشلىنىپ، ئالتاي يولى-غەربىي شىمال يولىنى بويلاپ، جەنۇبىدا شىخۇڭ يولىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇرۇلۇش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭىدىن ياسالغان كۆتۈرمە يول ئۇزۇنلۇقى 5.7 كىلومىتىر كېلىدۇ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىش باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ31-كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى