باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىككى ئۇيغۇر قىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن رامكىلىق كەشتە كۆرگەزمىگە قويۇلدى

2015.09.21 13:20   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئىككى ئۇيغۇر قىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن رامكىلىق كەشتە كۆرگەزمىگە قويۇلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن رامكىلىق كەشتە (سۈرەت 20-سېنتەبىر تارتىلغان)

  «ۋەتىنىمىز قوينىدا − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» 20 - سېنتەبىر بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى ئۇيغۇر قىز ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن رامكىلىق كەشتە كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

  كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىغا ئۇزۇنلۇقى 1.52 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدىغان خەت چۈشۈرۈلگەن كەشتە بۇيۇمى ئېسىلغانىدى. قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان بۇ كەشتە بۇيۇمىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى ئەينەن كەشتىلەنگەن، ئالتۇن رەڭ پارتىيە گېربى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانى، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نەقىشلىك تۈۋرۈك، تىنچلىق كەپتىرى قاتارلىقلار «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەتنى ئوراپ تۇراتتى.

  كۆرگەزمىنى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر كەشتە بۇيۇمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازىرى 2 - ئۇچقارا كەنتى 5 - مەھەللىسىدىكى دېھقان ئاچا - سىڭىل خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر قولدا كەشتىلىگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتى ئۇلارنىڭ يۇرتىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانغان، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر كەشتە بۇيۇمىنى كەشتىلەپ چىققان ھەم ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەزكۇر كەشتە بۇيۇمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان چىن ھۆرمىتى ۋە كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

  رامكىلىق كەشتىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يازغان خېتى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، سىزنىڭ غەمخورلۇقىڭىز بولغاچقا، بىز بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق. كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ، سىز ئۈچۈن «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەتنى كەشتىلەپ تەييارلىدۇق، مەزكۇر رامكىلىق كەشتە ئارقىلىق ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئارزۇيىمىز ۋە سىزگە بولغان رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈمىدىمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە «ۋەتەن باغرىدا» ناملىق باش تېما ئاساس قىلىنىپ «مۇۋەپپەقىيەتلەر بۆلىكى. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ»، «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بۆلىكى. بەختلىك شىنجاڭ»، «خىسلەت بۆلىكى. ئىناق شىنجاڭ»، «نەزەر بۆلىكى. ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ» قاتارلىق بۆلەكلەرگە ئايرىلغان. كۆرگەزمە 700 نەچچە پارچە سۈرەت، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، 40 پارچىدىن ئارتۇق دىياگرامما، شۇنىڭدەك تەسىرلىك، يېڭىچە كۆپ ۋاسىتىلىك شەكىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالىتى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …