خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىنى خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتى قاپلىدى، باغچىدا خىلمۇخىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ئادەمگە ھۇزۇر تېخىمۇ بېرىپ،خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق قوشۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە خوشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ«يىپەك يولىدىكى كۈز جەزىبىسى» ئاساسىي تېما قىلىنغان 19-نۆۋەتلىك جۇخار گۈلى سەنئەت كۆرگەزمىسى ئالدىنئالا باشلىنىپ، 70 مىڭ تەشتەكتىن كۆپ ھەرخىل جۇخارگۈلى شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇيەرگە كىلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى، ئېكىسكۇرسىيىگە كەلگەن ئادەم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپەيدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى