خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 19-سېنتەبىر،2016-16-مۇسابىقە پەسلى غەربىي ئا دەرىجە 4-قېتىملىق بىرىنچى مەيدان نۇقتىلىق مۇسابىقە Bernabéu توپ مەيدانىدا باشلاندى، مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گىرانادا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، كىرىستىيانو رونالدو بىر سۈرىيىلىك مۇساپىر بالا بىلەن مەيدانغا كىرىپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى، چۈنكى بۇ بالا دەل ھېلىقى ۋېنگرىيىلىك ئايال مۇخبىر پۇتلىشىپ كەتكەن مۇساپىرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئىسپانىيە مادرىد كوماندىسى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى، توپچى بالا بولدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى