ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىي يوقلىدى
【تەھرىر ئىلاۋىسى】بىلەمسىز؟ ھازىر توردا سوقماق سېتىش بىلەن داڭ چىقارغان «سوقماق شاھى» ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن.
2000-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان تولۇقسىزنى يېڭى پۈتكۈزگەن جەمئىي 80 مىڭدىن كۆپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 37 مىڭدىن ئاشتى. ئۇنداقتا، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
2010-يىلى مايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلدى. شۇ يىلى 28-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگىنىگە يېرىم يىل بولغان جاڭ چۈنشيەن پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى باشلاپ، جېجياڭ نىڭبو ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، بۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
كېيىنكى كۈنلەردە، شۇجى ھەر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئالاقىدار خىزمەت ۋە ئىشلارنى تەكىتلەپ تۇردى.