- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلى»نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى، جاڭ چۈنشىيەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىپ بەردى
2015.09.22 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان «شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشردىن چىقىپ رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، «شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنى تۈزۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر كىتابقا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى.
مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، تەشۋىقات بۆلۈمى، پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، تەزكىرە كومىتېتى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى قاتارلىق تارماق ۋە ئورۇنلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ، تەشۋىقات، ماتېرىيال، تارىخىي، خاتىرىلەش خاراكتېرى بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن «شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر